پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىپ، كېيىنكى ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ بىلەن سەمىمىي تېلېفونلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
«خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئالەم كېمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 16دە ئۇ مەخسۇس جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، «ئەرش ئوردىسى-2» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەمدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.
تېلېفونلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قوماندانلىق مەركىزى نەق مەيدانىدىكى سىناققا قاتناشقانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى.
ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، فەن چاڭلۇڭ، لى جەنشۇ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى جاڭ يۇشيا تېلېفونلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى