باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2017-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ

2016.10.27 12:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە پۇل پاخاللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان دۆلەت ئۆزبېكىستان، ئەڭ تۆۋەن بولىدىغان دۆلەت تۈركمەنىستان بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، 2016- يىلى قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %13.1 بولىدىكەن، قىرغىزىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %1.1دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، تاجىكىستاننىڭ %6.3، تۈركمەنىستاننىڭ %5.5، ئۆزبېكىستاننىڭ %8.4 بولىدىكەن.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەھلىلچىلىرى 2017- يىللىق پۇل پاخاللىقىنىمۇ مۆلچەرلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، 2017- يىلى قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %9.3، قىرغىزىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %7.4، تاجىكىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %7.3، تۈركمەنىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %5.0، ئۆزبېكسىتاننىڭ پۇل پاخاللىقى %9.6بولىدىكەن.

  قازاقىستان خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى %5.6 بولغان، 2015-يىلى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %13.6كە يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر