باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 3-قېتىم قاراپ چىقىلدى

ئەزا: پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.11.02 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنى 1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جېڭ گۇڭچېڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپتىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كارخانا ئۆلچىمى ۋە يەككە قاتلام بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپ ئوقۇتچىلىرىنىڭكىدىن 2.4 ھەسسە پەرقلىنىدىكەن، قانۇندا پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپلەرگە ئوخشاش قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىلىنىشى كېرەكلىكىنى بېكىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، كەلگۈسىدە پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدىكى تۈپ نۇقسانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لو لياڭچۈەن مۇنداق دېدى: پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ۋە پېنسىيەگە چىققاندىكى تەمىناتى بىلەن ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپلەر پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپتە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، خىزمەتتىكى پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك، بولۇپمۇ كادىرلار، مالىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇن بار تۇرۇپمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق، تەڭشىمەسلىك قىلمىشىغا قارىتا، ئۇلارنى قانداق قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلدۇرۇش بىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئۇرتۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت پۇقرا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇن جەھەتتىن پۇقرا مائارىپى بىلەن ھۆكۈمەت مائارىپىغا ئوخشاش ئورۇن بېرىشى كېرەك. پۇقرا مائارىپىمۇ بىر ئالىيجاناب ئىش، سىياسەت جەھەتتىن پۇقرا مائارىپىغا تېخىمۇ ئېتىبار تەمىناتلارنى بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پۇقرا مائارىپىنى ھۆرمەتلەش، پۇقرا مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پۇقرا مائارىپىنى قوغداش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر