باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش پىلانىنى يولغا قويدى

2016.11.02 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل سىياسەت-تەدبىر ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى قاراتمىلىق يېتەكچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئارىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بەش چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇش بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى:

  بىرىنچى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى.

  ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ھەرىكىتى.

  ئۈچىنچى، مەكتەپتە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى.

  تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى.

  بەشىنچى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەرىكىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر