خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى جېنبىكوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ جاي ۋاقتى 2-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىشكەك ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ( زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.
زۇڭلى جېنبىكوف ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بەردى. قىرغىزىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر گۈل تەقدىم قىلدى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنى ئەنئەنىۋى پىرەنىككە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلدى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى شياۋ چىڭخۇامۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى