باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى بىر ئولتۇراق بىنادا تەبىئىي گاز پارتلاپ كەتتى

2016.11.10 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شەرقىي ئارقا كوچا جەنۇبىي 1 - تار كوچىسىدىكى 92 - قورۇنىڭ 2 - زالىدىكى 201 - ئۆيدە، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 ئەتراپىدا تەبىئىي گاز پارتلاپ، 16 كىشى يېنىك يارىلاندى. يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھازىرچە 11 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يارىدارلارنى ئاكتىپ داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاش، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت بېرىش ۋە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ چاڭجيې ئوت ئۆچۈرۈش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، سەھىيە، ج خ ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق تارماقلاردىكىلەرنى دەرھال نەق مەيدانغا باشلاپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، يارىدارلارنى پائال قۇتقۇزدى.

  ھازىر، بۇ مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر