خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، رۈيخەي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ شۆۋېي (ئوڭدىن ئىككىنچى) قاتارلىق بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملار سوت قىلىنماقتا.
تيەنجىن شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11- ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، تيەنجىن پورتىدىكى «12-ئاۋغۇست» ئالاھىدە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 27 جىنايى ئىشلا دېلوسىنىڭ بىرىنچى سوتى ئايرىم-ئايرىم تيەنجىن شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە توققۇز ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە ئاشكارا سوت ئېچىلىپ قاراپ چىقىلدى ھەمدە 9-نويابىر يۇقارقى دېلوغا چېتىلىدىغان جاۋابكار ئورۇنلار، 24 بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىدىكى 25 جاۋابكارغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى