باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«قارا پۇل»غا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھىندىستاندىكى چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇللار ئوبوروتتىن چېكىندۈرۈلدى

2016.11.10 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان زوڭتوڭى مودى 8-نويابىر، چىرىكلىك، «قارا پۇل» ۋە يالغان پۇلغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، سوممىسى 500 رۇپىيەلىك ۋە 1000 رۇپىيەلىك قەغەز پۇلنىڭ شۇ كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئوبوروتتىن چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. مەسىلەن، ھازىرقى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە، 50 يۈەنلىك ۋە 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ بازاردىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى بىلەن تەڭ.

  مودى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە سۆزىدە: «چىرىكلىك ۋە <قارا پۇل>غا زەربە بېرىش ئۈچۈن، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ، ھازىر ئوبوروت قىلىنىۋاتقان 500 رۇپىيەلىك ۋە 1000 رۇپىيەلىك قەغەز پۇل ئەمدى قانۇنلۇق پۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى قارار قىلدۇق»، دېدى.

  بۇ ئەمدى بۇ پۇللارنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىشكە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مالىيە كاتىپى داس مودىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قارا پۇل ۋە يالغان پۇلغا قىلىنغان «يۈرەكلىك»، «كۈچلۈك» ھەمدە «ھەل قىلغۇچ» بىر ھۇجۇم بولدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر