باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش مۇكاپات تۈزۈمى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش مۇكاپاتى 5000 يۈەن بولىدىكەن

2016.11.10 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش مۇكاپات تۈزۈمى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي سەپكە كىرسە، بىر قېتىملىق مۇكاپاتى ئۈچۈن 5000 يۈەنلىك مۇكاپات سوممىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي سەپكە كىرسە، بىر قېتىملىق مۇكاپاتى ئۈچۈن 2000 يۈەنلىك مۇكاپات سوممىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. بۇ خەۋەرنى مۇخبىر 9- نويابىر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككىنى ھىمايە قىلىشتا مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك شەھەر بولۇش جەھەتتە «ئۇدا سەككىز قېتىم چېمپىيون بولۇش»نى قولغا كەلتۈردى، دېگەن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى، ھەمدە داۋاملىق ھالدا ئىككىنى ھىمايە قىلىشتا مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك شەھەر بولۇش جەھەتتىكى «ئۇدا توققۇز قېتىم چېمپىيون بولۇش»نى قولغا كەلتۈرۈش، دېگەن بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. نەتىجىلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ئائىلىسىگە بېرىلىدىغان ئېتىبار پۇلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ئائىلىسىگە بېرىلىدىغان ئېتىبار پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش مۇكاپات تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلارنى ئېنىق دېدى: 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي سەپكە كىرسە مۇكاپاتلاش، دېگەن بۇ خىل تۈزۈم ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلدى، بۇ مۇكاپاتنى شەھەر ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار ئېنىق دېيىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىدىغان ئېتىبار پۇلىنىڭ ئۆلچىمى يەنە بىر قېتىم ئۆسكەن بولۇپ، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلىشىش پىرىنسىپى بويىچە، بۇ خىل ئۆسۈش يىلىغا 8000 يۈەندىن 13 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.

  شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئېتىبار پۇل تارقىتىپ بېرىش بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە بولغان غەمخورلۇقى ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل ئېتىبار بېرىش پۇلى 12- ئايدا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر