باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.11.10 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى 2017-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، بۇ خىزمەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن چوڭ ئىش. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش، قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، سايلام خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر