باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى مۇمكىن

2016.11.10 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەرچە تىرامپ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەر-مۈلۈك ماگناتىدىن بىر ئۆرۈلۈپلا سىياسىيونغا ئايلانغان تىرامپ بۇ يىل زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدىكى ئىزچىل تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان قانۇن ۋە نازارەت قىلىش مەسىلىسىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (ABC News)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى سوت قىلىش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدىكەن. نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشىمۇ تىرامپ فوندىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

  تىرامپ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدىكى ئەرزدە تىرامپ ئۆزى سوتقا چىقىپ سوراققا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، ھالبۇكى بۇ پەقەت ئۇ ۋە ئۇنىڭ شىركىتى يۈزلىنىدىغان نەچچە ئون دېلونىڭ بىرى خالاس. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ ۋە ئۇنىڭ شىركىتى 75 قېتىملىق دەۋاغا چېتىشلىق ئىكەن.

  ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش شۇ كىشىنى قوغداپ قالالمايدۇ، ئۇ قەسەم قىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى دۇچ كەلگەن دەۋا ئىشلىرىدىكى جاۋابكارلىقنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلگەن. مەسىلەن: سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون 1997-يىلى ئاركانزاس ئىشتاتىدىكى ياللانما خادىمى پاۋلا جونېسنى جىنسىي پاراكەندە قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيبلەشلەرگە مەسئۇل بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر