- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ «ئۈندىدار ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش» سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
يان تېلېفوندا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق 120 جىددىي قۇتقۇزۇشنى چاقىرغىلى بولىدۇ
2016.11.10 14:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ «ئۈندىدار ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش» سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پەقەت «ئۈرۈمچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش» ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىغا دىققەت قىلسىڭىز ياكى «ئالاقە تورى ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش» ئەپ (APP)نى قاچىلىسىڭىز، «بىر كۇنۇپكا بىلەن مەلۇم قىلىش»نى باسسىڭىزلا، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بەلگىلىنىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى مەلۇم قىلغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى بېكىتكەندىن كېيىنلا تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ سۇپا «120» قۇتقۇزۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سۈرىتى ۋە ئۇچۇر يوللاش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر