باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قوش 11»دە ئەلى بابانىڭ سودا سوممىسى ئالتە مىنۇت 58 سىكونتتا 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

سىمسىز ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشتى

2016.11.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مايۈن (ئوڭدا) شېنجېندا ئېكراندا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.

  2016-يىللىق تيەنماۋ «قوش 11» يەر شارى مال سېتىۋېلىش شادلىق بايرىمى 11- نويابىر سائەت نۆلنىڭ قوڭغىرىقى چېلىنىش بىلەن رەسمىي باشلاندى. ئەلى بابا گۇرۇھى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 6 مىنۇت 58 سېكۇنتتىلا ئەلى بابا سۇپىسىدىكى سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يانفوندا سېتىۋېلىش نىسبىتى %86كە يەتكەن. 2015-يىلى بۇ سودا سوممىسىغا يېتىشكە 12 مىنۇت 28 سىكونت ۋاقىت كەتكەن ئىدى.

  ئەلى بابادىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سائەت نۆلدىن 52 سىكۇنت ئۆتكەندىلا، تيەنماۋنىڭ قوش 11دىكى سودا سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. تېز سۈرئەتتە ئاشقان بۇ سودا سوممىسى سانلىق مەلۇماتى جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ كۈچلۈك بولغان ئىستېمال ئىشەنچىسى، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يىلقى يانفون سودا سومىسىنىڭ نىسبىتى %85تىن يۇقىرى بولغان، بۇلتۇر بۇ نىسبەت %70تىن يۇقىرى ئىدى. بۇ نەچچە يىللىق ئوتتۇرا باسقۇچتىن كېيىن، كۆچمە نۇقتىنىڭ كومپىيۇتېر نۇقتىسىدىن ئېشىپ، تور ئىستېمالىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش ھەرىكىتى كۆچمە نۇقتىغا كۆچكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر