باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى

2016.11.15 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىش كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ-چىققان ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدا رەسمىيەت بېجىرىدىغان ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولدى. قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىن كىرىپ-چىققان ساياھەتچى 4 مىليون 240 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44 ئاشقان.

  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت مەنزىرگاھى ۋە مال سېتىۋېلىش جەننىتى، بۇ يەرگە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەرنىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرى توپلانغان. باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكاندىن 40 نەچچىسى بار، تاۋارلارنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئەرزان.

  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان تۈر بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىن بىر چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى، جۇڭگو-قازاقىستان پۇقرالىرى ۋە 3-دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرمەيلا پاسپورتى ياكى چېگرادىن كىرىش-چىقىش كىنىشكىسى قاتارلىق كېنىشكىلىرى بىلەنلا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ-چىقىپ، سودا كېلىشىمى تۈزسە ياكى تاۋار سودىسى قىلسا بولىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، قورغاس چېگرا ئېغىزى شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى» نىڭ مۇھىم تېرىكى ۋە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە رايون ئۈستۈنلۈكى، ئېتىبارلىق باج سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر