باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قەشقەردە قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىدى

بىز ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى

2016.11.14 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئۆزى بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى ئابدۇغوپۇر ئۆمەر بىلەن لۇڭ جىجۈننىڭ ئائىلىسىگە باردى ھەم ئۆز مائاشىغا ئالغان ھال سوراش بۇيۇملىرى ۋە ھال سوراش پۇلىنى بۇ ئىككى ئائىلىگە بەردى.

  قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرىدىكى 84 ياشلىق تېتىك، يۈزلىرى ئاناردەك قىزىل ئابدۇغوپۇر ئۆمەر ئىنتايىن خۇشال ئىدى، چۈنكى بۈگۈن رەئىس شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭ ئۆيىگە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا كېلەتتى، بوۋاي خۇشاللىقىنى باسالماي، بالدۇرلا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، تۇغقىنىنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى. ‹‹ئابدۇغوپۇر ئاكا تىنچلىقمۇ؟›› شۆھرەت زاكىرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان سالىمى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بۇ ئىككى تۇغقاننىڭ رىشتىنى بىر – بىرىگە چىڭ باغلىدى، ئىككىيلەن چىڭ قۇچاقلاشتى.

  ئابدۇغوپۇر ئۆمەر 1991 – يىلى پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، نەچچە ئون يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى. شۆھرەت زاكىر ئابدۇغوپۇر بوۋايدىن: ‹‹سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟›› دەپ سورىدى، ئابدۇغوپۇر بوۋاي خۇشال ھالدا شۆھرەت زاكىرغا سالامەتلىكى ۋە ئىشتىھاسىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر خۇشال بولۇپ: ‹‹مۇشۇنداق سالامەت تۇرسىڭىز، جەزمەن 100 ياشقا كىرەلەيسىز!›› دېدى.

  ئابدۇغۇپۇر بوۋاي شۆھرەت زاكىرغا 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يازغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى: ئەينى چاغدا دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بەرگەندە، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يازغانىدۇق، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىزگە جاۋاب خەت يازغان، يەنە بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنىدى، بۇنىڭدىن ھەممەيلەن قاتتىق ھاياجانلانغان ۋە خۇشاللىققا چۆمگەنىدۇق.

  نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئابدۇغوپۇر بوۋاي رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ خېتىدە يازغان سۆزلىرىنى ئېسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدى. شۆھرەت زاكىر ئابدۇغوپۇر بوۋايغا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، سىز رەئىس ماۋزېدۇڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ، يۇرتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كەپسىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر قايتىش ئالدىدا ئابدۇغوپۇر بوۋاي بىلەن يەنە بىر قېتىم قۇچاقلاشتى ھەم مۇنداق دېدى: بىز ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى، تېنىڭىزنىڭ ساغلام، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

  شۆھرەت زاكىر چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىگە كېلىپ، يەنە بىر تۇغقىنى، 31 ياشلىق لۇڭ جىجۈننىڭ ئۆيىگە كەلدى. لۇڭ جىجۈن شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇپ، 2015 – يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇنجى يەرلىك ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلدى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي خىزمەت ئەترىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى ‹‹ياخشى قوشنىلار›› تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  شۆھرەت زاكىر لۇڭ جىجۈننى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەچ: بۇ يەرگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ خىزمەتلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدى، لۇڭ جىجۈن شۆھرەت زاكىرغا قەشقەردە ئىنتايىن ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يىل ئاخىرىدا قىز دوستى بىلەن قەشقەردە توي قىلىدىغانلىقىنى، رەئىسنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئېيتتى.

  شۆھرەت زاكىر لۇڭ جىجۈنغا مۇنداق دېدى: ئەمدى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدۇق، پات – پات ئالاقىلىشپ تۇرايلى. سىز شۇنچە يىراقتىكى شېنجېندىن قەشقەرگە كەلدىڭىز، سىزنىڭ بۇ يەردە خۇشال – خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ تىل، تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوخشمايدۇ، بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، ئامما بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، يۇرتداشلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لۇڭ جىجۈن شۆھرەت زاكىرغا مۇنداق دېدى: رەئىس بىلەن تۇغقان بولغانلىقىمىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن جەزمەن رەئىسنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر