باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزى ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

2016.11.14 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 11-نويابىر سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئىككى قىرغاقتىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە ئالاقىدار زاتلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى توغرىسىدا قىلغان بايانلىرى ئىنتايىن مۇھىم، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، يېتەكچى رولى بار. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك تەيۋەن تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ياڭ يۇيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە سۇن جۇڭشەن روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئەسلىدى ۋە تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش ئومۇمىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىتا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىنى قايتا بايان قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا سەمىمىي چاقىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغان ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچى رول ئوينايدۇ.

  خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن تەيۋەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى زاتلار تۇغقانلىرى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لىن گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇن جۇڭشەن ئەپەندىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى، سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تامامەن خاتىرجەم بولالايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان-قېرىنداش، ئىككى قىرغاق ئايرىلماس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولۇپ، ئىككىلىسىنىڭ «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى بار. بىز چوقۇم «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى، گۈزەل ئەتىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇسىنى ھەقىقىي تاماملاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر