باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.11.14 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى 2017 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، بۇ خىزمەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سايلام خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەركەز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سانى جەمئىي 2300، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 40 سايلام ئورنىدا سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ بېكىتتى. مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  مەركەز مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى بولۇشى كېرەك. نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە – ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ‹‹چاتىقى بارلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش››نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتلەرنىڭ 1 – سېپىدىكى ۋەكىللەر نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىشچى، دېھقان ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىمى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار، ئۈلگىلىك شەخسلەرنى ۋەكىل نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى چوقۇم مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋەكىللەر ئارىسىدا ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1 – سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، شۇنداقلا ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي – قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر بولۇشى كېرەك.

  مەركەز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشتا پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىلاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىرلىشىش، قايتا – قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. تەشۋىق – تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىشكە پائال قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپ سانلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى ياكى كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، دەرىجىمۇ دەرىجە مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاش كېرەك. تەشكىللەش ۋە تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئارتۇق نامزاتلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى مەلۇم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش كېرەك. يىغىندا سايلاشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرگە قارىتا ئارتۇق نامزاتلىق سايلامنى يولغا قويۇش، ئارتۇق نامزاتلارنى سايلاش نىسبىتى %15 تىن كۆپ بولۇشى كېرەك.

  مەركەز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئېھتىياتچان، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئاۋاز بېرىشتە پارا بېرىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئىبرەت ئېلىش كېرەك. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرگە قىلچە يول قويماي، بايقالغانلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش جەريانىنى، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى جەريانى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككى ‹‹100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ھازىردىن باشلىنىپ، كېلەر يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر