باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى بەش جەھەتتىن ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2016.11.11 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى نۇرغۇن جەھەتتىن ياخشىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بىرىنچى، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە-ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى گەۋدىلىك كۆزىتىش كېرەك. ئىككىنچى، نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق نامزاتنىڭ پاكلىق ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، «چاتىقى بار كادىرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن خىزمەت 1-سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىكا خادىمى، پارتىيە ئەزاسى ئىچىدىكى ئىلغار نەمۇنىلىك شەخسلەرنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك تىپىك دېلولارنى ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرگە قەتئىي تاقەت قىلىپ تۇرماي، بايقالغان ھامان قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندىن تەۋرەنمەي، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ سەپەرۋەرلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر