- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDP دىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل %4 تىن ئاشتى
2016.11.11 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 10-نويابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى 2تىرىللئون 922 مىليارد 145 مىليون يۈەنگە يەتكەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى 2 تىرىللئون 642 مىليارد 58 مىليون يۈەندىن %10.6 ئاشقان بۇلۇپ، GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %4.26 بولۇپ، بۇلتۇرقى%4.10 تىن 0.6 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. ئېلىمىزدە، 2012-يىللىق دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %4 كە يەتكۇزۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇدا تۆتىنچى يىلى %4 تىن ئاشۇرۇلدى.
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىستاتىسىتكىنى ئېلان قىلدى. ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى، مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسى 3 تىرىللئون 612 مىليارد 919 مىليون يۈەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى 3 تىرىللئون 280 مىليارد 686 مىليون يۈەندىن %10.13 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە جامائەت مالىيە مائارىپى چىقىمى 2 تىرىللئون 586 مىليارد 187 مىليون يۈەن بۇلۇپ،بۇلتۇرقىدىن %14.55، ئوخشاش ئۆلچەمدىكىدىن 9.41% ئېشىپ، جامائەت مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %14.70 بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر