باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ ئەركىن سودا رايونىنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى

2016.11.11 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئەركىن سودا رايونىنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش خىزمىتى» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى چۈشۈرۈپ، ئەركىن سودا رايونى يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى تەسىس قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ۋە شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى كېڭەيتىلمە رايونى ئىشقا كىرىشىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەبلەغ سېلىش، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ، يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە كېڭەيتتى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا، كېڭەيتىلىدىغان ئىسلاھات تۈرى جەمئىي 19 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىلىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم 12 ئىسلاھات تۈرى بار، مەبلەغ سېلىش-باشقۇرۇش ساھەلىرى: پاسسىپ تىزىملىك سىرتىدىكى رايون سىرتىدا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى قۇرۇش ۋە تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى ئۆزگەرتىش، باج كونترول تالونىغا توردا ئىلتىماس قىلىش، كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ سودىنى قولايلاشتۇرۇش ساھەلىرى: خەلقئارا تاموژنىدا ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچىلەر (AEO) ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمى، چېگرىدىن چىقىرىپ پىششىقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى: ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىنى كىرگۈزۈپ باجدىن خالىي رايونلارنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈش، كارخانا تەكشۈرۈش ۋە تاموژنا كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت ئېكسپورت كىرېدىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى قاتارلىق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىدا كېڭەيتىلىدىغان ئىسلاھات ئىشلىرى يەتتە تۈر بولۇپ، چېگرادىن كىرگۈزۈلۈپ رېمونت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىچىدە پىششىقلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر