باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى پارچە سېتىش كەلگۈسى ئىقتىساد فورماتسىيەسىنى شەكىللەندۈردى

2016.11.14 15:45   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى پارچە سېتىش كەلگۈسى ئىقتىساد فورماتسىيەسىنى شەكىللەندۈردى

  ساپ ئېلېكتىرونلۇق سودا دەۋرى ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، تور سودىسى بىلەن ئەمەلىي سودىغا زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتنى قوشقاندا يېڭى پارچە سېتىش بارلىققا كېلىدۇ. ئەلى بابا گۇرۇھى قۇرغان كەلگۈسى سودا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئورتاق ۋاسىتە قىلغان، بارچە شەيئىلەرنىڭ پاراسىتى باغلانغان ۋە كەڭ كۆلەملىك توردا ھەمكارلىشىدىغان يېڭى ئىقتىساد فورماتسىيەسى شەكىللەنمەكتە.

  بەزىلەر ئالاقە تورى ئىقتىسادى ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مەۋھۇم ئىقتىساد دېيىشىدۇ، لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئىقتىساد.

  ھەممەيلەن ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ كەسىپلىرى ئىچىدە، ئەڭ ئەنئەنىۋى بولغان بىر كەسىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلى بابا گۇرۇھى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تىلغا ئالمايدۇ، چۈنكى ئېلېكتىرونلۇق سودا پەقەت بىر ۋاسىتە.

  ساپ ئېلېكتىرونلۇق سودا دەۋرى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، ئەمەلىي سودا قىلىدىغان كارخانىلار چوقۇم توردا سودا قىلىشى، توردا سودا قىلىدىغان كارخانىلار چوقۇم ئەمەلىي سودا قىلىشى، تور سودىسى بىلەن ئەمەلىي سودىغا زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتنى قوشقاندىلا، ھەقىقىي تۈردىكى يېڭى پارچە سېتىش بارلىققا كېلىدۇ.

  ئەلى بابا گۇرۇھى قىلماقچى بولغان ۋە قىلىۋاتقان ئىش سېتىۋالغۇچى-ساتقۇچىلارنىڭ تور سودىسى قىلىشىغا ياردەم بېرىشلا بولماستىن، سودا بازىرى، چىقىم قىلىش، ئەشيا ئوبوروت، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە زور سانلىق مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى سودىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كۈچ ئاتا قىلىپ، سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە تورى، شۇنداقلا سودىگەرلەر بىلەن كەلگۈسى سودا ئەندىزىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  بۇ يىللىق «قوش 11» مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا يېڭى پارچە سېتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  تور سودىسى بىلەن ئەمەلىي سودىنىڭ پۈتۈن لىنىيەدە بىرلەشتۈرۈلۈشى مىسلىسىز ئېگىزلىككە يەتتى. شۇ كۈنى مىليونلىغان دۇكانلار توردا سېتىش بىلەن ئەمەلىي سېتىشنى بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويدى. مەملىكەت بويىچە 20 مىڭدىن ئارتۇق يېزا «تاۋباۋ» مۇلازىمەت پونكىتى، 50 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئىستېمالچىلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  زامانىۋى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. چىقىمداننىڭ دۇنيا بويىچە 200دىن ئارتۇق ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ، 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سودىگەر ۋە خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «دۇنيا بويىچە پۇل تۆلەش-ئېلىش» ئىقتىدارىنى ياراتتى.

  زور سانلىق مەلۇمات زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتنى ئۆزگەرتتى. زور سانلىق مەلۇمات ۋە ئىجتىمائىيلاشقان ئوبوروت ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى بىلەن شۇ كۈنى توردا 657 مىليون ئەشيا ئوبوروت تالونى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە تارقىتىلىپ، دۇنيا بويىچە نەچچە مىڭ ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ماسلاشتۇرۇلدى.

  بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇت ھېسابلاش ۋە زور سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاساسىدا رېئاللىققا ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ م…
    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
    ·ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەي…
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى
    ·جۇڭگو -تۈركىيە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى سودا ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ…
    ·پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 3-قېتىم قاراپ چىقىلدى
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدې…