باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن پاكىستان دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.11 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە پاكىستان دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چۇدۇرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى-ئىككى دۆلەتنىڭ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەڭكەش تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، ھەم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۆت يىللىق خىزمىتى يەكۈنلەندى ھەم يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى گەۋدىلەندۈرۈلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش-پارتىيەنىڭ رايى، خەلقنىڭ قەلبىگە ياقتى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى چوققىسىنى ئىگىلىدى. چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈرەشكە ماھىر بولۇش كېرەك.

  چۇدۇرى پاكىستاننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر