باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ

2016.11.14 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل سۇغۇرتا ھەققى توغرىسىدا، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلىغاندا باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىشنى رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇش بويىچە، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئون مىڭدىن 1.6دىن ئېشىپ كەتمەسلىك پىرىنسىپى بويىچە، تاپشۇرغان ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى ھېسابلىنىدۇ، كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى بولسا، سۇغۇرتا ھەققى تۈپ سانىغا ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى كۆپەيتىپ ھېسابلىنىدۇ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغانغا قويۇلغان جەرىمانە بۇنىڭ ئىچىگە ئېلىنمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېگىنىمىز، «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى»دا بەلگىلىگەن، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى دېگەندەك ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىدىغان بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر