باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

شى جىنپىڭ

2016.11.14 15:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداشلار، دوستلار:

  بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ باشلامچىسى، بىر ئۆمۈر ئىنقىلاب ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ، ۋەتەننى، خەلقنى قۇتقۇزۇشقا ئىرادە باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان.

  دەۋر ئۇلۇغ شەخسلەرنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ شەخسلەرمۇ دەۋرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 150 يىل بۇرۇن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغاندا، ۋەتىنىمىز كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ياۋايىلارچە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈز بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى خارابلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئاپىتىنىڭ گىردابىغا پېتىپ، جۇڭگو خەلقى قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانىدى. ئاشۇ بوران – چاپقۇنلۇق، زۇلمەتلىك يىللاردا خەلقىمىز ئەزەلدىن باش ئەگمىگەن، سانسىز غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ۋەتەننى، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى قىلغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى دەل شۇلارنىڭ داڭلىق ۋەكىلى.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ياش ۋاقىتلىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ پارچىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ‹‹خەلقنى ئازاب – ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزىمەن›› دەپ قەسەم قىلىپ، فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كەسكىنلىك بىلەن دېموكراتىك ئىنقىلابقا ئاتلانغان، ‹‹جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى››، ‹‹تۇڭمېڭخۇي جەمئىيىتى››نى قۇرۇپ، مىللىي مەسلەك، خەلق ھوقۇقى مەسلىكى، خەلق تۇرمۇشى مەسلىكىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەسلەك››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەنى پائال تارقىتىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ، ئۈنلۈك خىتاب قىلغان.

  1911 – يىلى ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ‹‹شىنخەي ئىنقىلابى›› غەلىبىگە ئېرىشىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلگەن. تارىخىي مۇساپە ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، ‹‹شىنخەي ئىنقىلابى›› كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىيالمىغان بولسىمۇ، تولۇق مەنىدىكى يېقىنقى زامان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئازاد بولۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، زور زىلزىلە ۋە تەسىر كۈچى ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ‹‹شىنخەي ئىنقىلابى››غا رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىنقىلابىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب ئىدىيەسى ۋە كۈرەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان تۈرلۈك كۈچلەر بىلەن قىلچە مۇرەسسە قىلماي كۈرەش قىلغانلىقىدا. ئۇ مىلىتارىستلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلاپ بۆلۈنمە ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ۋە ۋەتەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىغان. ‹‹ئۆكتەبىر ئىنقىلابى›› پارتلىغاندىن كېيىن، ماركسىزم – لېنىنىزم جۇڭگودا تارقىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ دۇنيانى ۋە جۇڭگونى تونۇشىدىكى يېڭى نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياردىمىدە كونا دېموكراتىك ئۈچ مەسلەكنى يېڭى دېموكراتىك ئۈچ مەسلەككە ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقان ۋە ئىشچىلارغا يار – يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو گومىنداڭىنى قايتا قۇرۇپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى ئۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقان. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۈچ مەسلەك پىروگراممىسى ۋە بىرلىك سەپ سىياسىتى، جاپالىق كۈرەش قىلىش روھى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇلار سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ‹‹بىزگە قالدۇرغان ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ مىراسلىرى›› ھەم ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىگە قوشقان ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپە ھېسابلىنىدۇ››، دېگەن.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىزلىقىغا قاتتىق ھەسرەتلىنىپ، تۇنجى بولۇپ ‹‹جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش›› شوئارىنى توۋلىغان. ئۇ ‹‹قۇرۇلۇش ئىنقىلابنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى›› دەپ قارىغان. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەرگە يېتىشىۋالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن ‹‹ناۋادا جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئۇلۇغۋار نىشانىمىزغا يېتەلىسەك، گۈزەل ۋەتىنىمىزدە يېڭى دەۋرنىڭ تېڭى ئېتىپلا قالماي، پۈتكۈل ئىنسانىيەت تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشىدۇ›› دېگەن.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپىلەرنى قوشقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، پۈتۈن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر. بۈگۈن سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك شانلىق ھاياتىنى ئەسلەيمىز، قەلبىمىزدە ئۇنىڭغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت تولۇپ تاشتى.

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرى، ئەڭ سادىق ھەمكارلاشقۇچىلىرى، ئەڭ سادىق ۋارىسلىرى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تاماملاپ بولالمىغان ئىشلارنى تاماملاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق خوجايىن بولغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى. مۇشۇ ئاساستا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورناتتى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 67 يىلدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىزم يولىدا كەينى – كەينىدىن ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈن بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىگە شۇنداق تەسەللى بېرىمىزكى، بىز ھازىر تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ زور ئىشەنچكە تولدۇق، بۇ نىشانغا يېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدۇق.

  يولداشلار، دوستلار!

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى خاتىرىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇنىڭ قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، سەپەرۋەر قىلىشقا بولىدىغانلىكى ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇ ئىنتىزار بولغان جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

  بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش غايىسى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئىزدىنىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي، بۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى: ‹‹ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئىش نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى بىلىشتىن ئىبارەت››، دېگەن. ئۇ دائىم ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش ئىنقىلاب››، ‹‹تەندە جان بولسىلا، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى يۈكسەك مىللىي غۇرۇرغا ۋە مىللىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، كونىلىققا يېپىشىۋالمايتتى، كونىلىقنى ياقلىمايتتى، چەت ئەلگە چوقۇنمايتتى، چەت ئەلگە خوشامەت قىلمايتتى، ‹‹جۇڭگو جەمئىيىتى دەرۋەقە ياۋروپا، ئامېرىكىغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا جەمئىيەت باشقۇرۇش سىياسىتىمۇ تەبىئىيلا ياۋروپا، ئامېرىكىغا ئوخشىمايدۇ››؛ ‹‹تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئۆزىمىز ئىگىلىسەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز، باشقىلار ئىگىلىسە ھالاك بولىمىز›› دەپ تەكىتلەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەگرى – توقاي كىشىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش ئەمەلىيىتىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى يەكۈنلەپ چىققان، ئۇ بولسىمۇ: جۇڭگونى ئۆزگەرتىشتە جەزمەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان يولدا مېڭىش كېرەك.

  قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت باشقىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئەمەس ھەم ئۆزگەرمەيدىغان، بارلىق مىللەتنى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان يول يوق؛ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، راۋاجلانغان، گۈللەنگەن بارلىق مىللەتلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەمەلىي يولنى تاپقان مىللەتلەردۇر. بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا جەزمەن ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك گۈللىنىش يولىنى تېپىپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك كونكرېت، ئەمەلىي بولىدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگودا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو زېمىنىغا يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ئاساستا دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشىدە ئۇزاققىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ دۇنيا خەلققە مەنسۇپ دەپ قارايدىغان، كۆڭلىگە خەلقنى پۈكىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى خەلققە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت باغلىغان، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ‹‹دۇنيا خەلققە مەنسۇپ›› دەپ قارايدىغان يۈكسەك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹خەلقنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش››كە كۈچ چىقارغان، بۇ جەھەتتە ئۇ ئىرادىسىدىن قايتماي، قەتئىي قەيسەر بولغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى خەلقنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتى، ئۇ ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن خەلقنى ئويغىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى. ئۇ خەلقنىڭ دەرد – ئەلىمىگە يېتەتتى، ئۇ: ‹‹دۆلەتنىڭ ئاساسى خەلقتە بولىدۇ››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەركىزى››، ‹‹خەلق قىلالمىغاننى بىز ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك؛ خەلقتە ھوقۇق بولمىسا، بىز ئۇلار ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈپ بېرىشىمىز كېرەك›› دەپ تەكىتلەيتتى. ئۇ كۆپچىلىككە: ‹‹چوڭ ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك›› دەپ نەسىھەت قىلاتتى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ئىنقىلاب قىلىشقا ئىرادە باغلاشنىڭ كۈچ مەنبەسى، توختىماي كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بولغان.

  ھەر قانداق بىر ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، جەزمەن خەلقتىن ئاساسنى تېپىش، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش، خەلق بىلەن ئورتاق ئورۇنداش كېرەك. خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلغاندا ھەر قانداق ئىش مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قېلىپ، ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن جان – دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىزچىل تۈپ مەقسەت قىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش ۋە قوللىشىنى ئىزچىل كۈچ مەنبەسى قىلىپ، خەلقنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا پۈكۈشى كېرەك. بىز ھەممىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بولغان پاك ۋىجدانىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ، ئادىل مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى غايەت زور كۈچ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ نەزەر دائىرىسى، كۆكسى – قارنى كەڭ بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان، بۇ جەھەتتە ئۇ ئىرادىسىدىن قايتماي، قەتئىي قەيسەر بولغان. دۇنيادا ئالدىن بىلگۈچى ۋە ئالدىن سەزگۈچى كىشى يوق. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ‹‹دۇنيا ئېقىمى ئۇلۇغدۇر، ماسلاشقانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ›› دېگەننى دەستۇر قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىدىن ئۆگەنگەچكە، ‹‹دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىپ، كىشىلەر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان››. ئۇ ‹‹ئۆمرۈمدە ئىنقىلاب قىلىشتىن باشقا، كىتاب ئوقۇشقا ھەۋەس قىلدىم، بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسام، شۇ كۈنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ›› دېگەن. ئۇ ئىزدىنىپ ئالغا بېسىش قەدىمىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىغان، ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئەزەلدىن رەت قىلمىغان. ئۇ جۇڭگو ۋەزىيىتىنى ۋە دۇنيا ئېقىمىنى كۆزىتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر ئېقىمىغا يېتىشىۋېلىشقا تىرىشقان. مەيلى جەمئىيەت ئىسلاھاتچىسىدىن قەتئىي ئىرادىلىك دېموكراتىك ئىنقىلابچىغا ئۆزگەرگىچە، ياكى كونا ئۈچ مەسلەكنى يېڭى ئۈچ مەسلەككە تەرەققىي قىلدۇرغىچە بولسۇن، ئۇنىڭ چەكلىمىنى بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلايدىغان قىممەتلىك روھى ئىپادىلەنگەن.

  تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئالغا باسىدۇ، يېتىشەلمىگەنلەر مۇقەررەر ئارقىدا قالىدۇ، مۇقەررەر ھالدا تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ. تارىخ ئىككىلەنگۈچىلەر، ھۇرۇنلار، قىيىنچىلىقتىن قورققۇچىلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئۇ پەقەت قەيسەر كىشىلەرگە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە، كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن جەزمەن تارىخىي نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، دۇنيا تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈم، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر تەرەققىيات دولقۇنىدا جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس، ئېگىلمەس – سۇنماس كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ‹‹خەلق ئىنقىلابى ئۈچۈن قىرىق يىل كۈرەش قىلىش››، ئۆمرىدە ‹‹ئىرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، توختىماي ئالغا بېسىش، ئوڭۇشسىزلىق قانچە كۆپ بولسا شۇنچە تىرىشىش، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، بۇ جەھەتتە ئىرادىسىدىن قايتماي، قەتئىي قەيسەر بولغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى: ‹‹نەچچە ئون يىللىق كىشىلىك ھاياتىمىزدا، دۆلەت ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يىللىق گۈللىنىش ئاساسىنى سېلىشنىڭ قىممىتى ھېسابسىزدۇر›› دېگەن. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئىنقىلابىي ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇن جاپا تارتقان بولسىمۇ، ‹‹مۇستەقىل، ئەركىن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش›› ئۈچۈن، ئۇ ئەزەلدىن مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن چېكىنمەي، ‹‹ئىشەنچ بولسا، تاغدەك قىيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؛ ئىشەنچ بولمىسا ناھايىتى ئاسان ئىشتىنمۇ ئۈنۈم قازانغىلى بولمايدۇ›› ۋە ‹‹زېھىن سەرپ قىلىپ، باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، ناچار ئىشلارنى تۈگەتكەندىلا ھامان بىر كۈنى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ›› دېگەنگە قەتئىي ئىشەنگەن. ھەر قانداق تاشقى تەھدىت، ئىچكى بۆلگۈنچىلىك، ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەت سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىگەن، ئۇ ھەتتا كېسەل بولۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چېغىدىمۇ، ‹‹تىنچلىق، كۈرەش قىلىش، جۇڭگونى قۇتقۇزۇش›› ئىرادىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىپ قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ ئىنقىلابچىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن.

  ئۇلۇغۋار ئىشلار ھەققانىي، بۈيۈك بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەگرى – توقاي يوللارنى باسقانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر. ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ئۇلۇغ بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ خەلق، مىللەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ تۆھپە قوشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ جاپالىق شارائىتتا قەيسەر ئىرادە ۋە ئالىي پەزىلەت يېتىشتۈرگەنلىكىدىن بولغان. بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، چوڭقۇر، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىپ، جاپالىق، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇزاققىچە ئېغىشماي جاپالىق تىرىشىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا كۈرەش نىشانىمىزغا داغدۇغىلىق، ئوڭۇشلۇق ھالدا يېتەلەيمىز دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئېغىر خىرىسلارغا، ئېغىر خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر قانداق ۋاقىتتا تەييارلىق قىلىپ، ئېغىر توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئېغىر زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىز، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جاسارەتلىك جەڭگىۋارلىقىمىز بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي قوغدىغان، دۆلەتنى، مىللەتنى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي قارشى تۇرغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ‹‹جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن دۆلەت، بۇ نۇقتا دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي ئېڭىغا مەھكەم ئورناشقان، دەل مۇشۇنداق ئاڭ بولغاچقا، بىز دۆلەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان››. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ‹‹<بىرلىككە كېلىش> جۇڭگودىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى. بىرلىككە كەلگەندىلا، مەملىكەت خەلقى راھەت – پاراغەتتە ياشايدۇ؛ بىرلىككە كېلەلمىسە، زىيانغا ئۇچرايدۇ››.

  ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە باغلىق، شۇنداقلا بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ پارچىلانماي مۇكەممەل تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم.

  ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان – قېرىنداش تۇغقان. ئىككى قىرغاق ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىدىغان توغرا يول. بىز ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئورتاق سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېرىنداشلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئۆتمۈشتە نېمىنى تەشەببۇس قىلغان بولسۇن، ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى››نى ئېتىراپ قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە تەيۋەننىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تونۇسىلا، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايمىز.

  ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى قول تۇتۇشۇپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو 100 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان دۆلەت تالان – تاراج قىلىنغان، قېرىنداشلار دەپسەندە قىلىنغان ئېچىنىشلىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەت پارچىلانغان تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىق، بىزنىڭ تارىخ ۋە خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. پۈتۈن جۇڭگو خەلقى دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق تەشكىلات، ھەر قانداق پارتىيەنىڭ ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە ھەر قانداق بىر پارچە جۇڭگو زېمىنىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  يولداشلار، دوستلار !

  دۆلەت، مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جۇڭگونى ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت››، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ خاتىرجەم دۆلەت››كە، جۇڭگو خەلقىنى ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك خەلق››كە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ‹‹دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشى››نى ئۈمىد قىلغان.

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جىددىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا جۇڭگونى قۇرۇش مەسىلىسىنى ئىزچىل ئويلىنىپ كەلگەن. 1917 – يىلىدىن 1919 – يىلىغىچە ئۇ ‹‹دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىي پىلانى›› ناملىق كىتابنى يېزىپ، جۇڭگونى قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تەسەۋۋۇر قىلغان، بۇنىڭدا تەخمىنەن 160 مىڭ كىلومېتىر تۆمۈر يول ياساپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر، چېگرا رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇش؛ 1 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر تاشيول ياساپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتاشقان تاشيول تورى شەكىللەندۈرۈش ھەم چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىگە كىرىش؛ مەملىكەت بويىچە سۇ يولى ۋە قانال قېزىپ ۋە رېمونت قىلىپ، سەنشيا چوڭ توسمىسى ياساپ، ئىچكى دەريا قاتنىشى ۋە سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ جۇڭگونىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە چوڭ دېڭىز پورتى قۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق، كانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تەسۋىرلىگەن بۇ پىلاندا ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئاجايىپ قارىشى ۋە كۈچلۈك تەقەززاسى ئىپادىلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا، بەزى چەت ئەل مۇخبىرلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرىنى پۈتۈنلەي خام خىيال، ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان.

  دەرۋەقە، كونا جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتىدا سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس ئىدى. ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئەينى يىلى تەسۋىرلىگەن بۇ پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭگو خەلقى ياراتقان نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىدا تۆمۈر يول چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىگە تۇتاشتۇرۇلدى، تاشيول زىچ تورلاشتى، ئېگىزلىك، بوغۇزلاردىن تۈزلەڭلىك، كۆللەر ياسالدى، پورتلار بەش ئوكيانغا تۇتاشتى، كەسىپ تۈرلىرى تولۇق بولدى، شال، بۇغدايلار ھەممە جاينى قاپلىدى، خاسىيەتلىك كېمە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان مۇستەقىل، دېموكراتىك، باي دۆلەت دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت توغرا بولسىلا، قەتئىي تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاشماي، ھارماي – تالماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوران – چاپقۇندىمۇ ئۇيۇل تاشتەك قەتئىي تەۋرەنمىگەندىلا، نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ، نىشانىمىزغا چوقۇم يېتەلەيمىز!

  92 يىل ئىلگىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ئۈمىدىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ‹‹جۇڭگو قۇدرەت تاپسا، مىللەتنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئالدىدىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايمىز››. 60 يىل ئىلگىرى يولداش ماۋ زېدۇڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە مۇنداق كۆرسەتكەن: ‹‹جۇڭگو ئىنسانىيەتكە چوڭراق تۆھپە قوشۇشى كېرەك››. 30 يىل ئىلگىرى يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كۈچى زورايسا، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ، جەنۇب – شىمال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغىلى بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايە – جەسۇرانە ئىرادىگە ئىگە››. جۇڭگو خەلقى ئۆزىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىشى كېرەك. بىز ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەتداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ تۆھپە قوشتى. كەلگۈسىدە جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ!

  يولداشلار، دوستلار !

  سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى يىلى مۇنداق دېگەن: ‹‹بىزنىڭ 400 مىليون ئاھالىمىز بار، زېمىنىمىز كەڭ، تۇپرىقىمىز مۇنبەت، چوقۇم تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىپ قەد كۆتۈرىمىز››. ‹‹ھەممەيلەننىڭ جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مەسئۇلىيەت زىممىمىزگە يۈكلەندى››. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدىمۇ يەنىلا: ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلغىنى يوق، يولداشلار داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك، دەپ تاپىلىغان. جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى، بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خېيىم – خەتەرنى يېڭىشىمىز كېرەك.

  مەن سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ھۆرمەتلەيدىغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار، شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ پارتىيە – گۇرۇھ ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار كۈرەش قىلىپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى! يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بارلىق غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر كۈرەش قىلىپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى! يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر