خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رول ئوقنى تۇتۇپ، تۆۋەنگە شۇڭغۇپ ئايلىنىپ، تېزدىن يۇقىرىغا كۆتۈرلۈپ، قىرغۇچى ــ 10 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان كۆككە چىقىپ موللاق ئېتىپ بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر قوندى.... بۇ قىرغۇچى ــ 10 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ئۇچقۇچىسى يۈ شۈنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى شەرەپلىك تاماملىغاندىكى كۆرۈنۈشى.
لېكىن، «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىدە «ئالتۇن توز» دەپ تەرىپلىنىدىغان گۈزەل قىز 12-نويابىر بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ھاۋا ئارمىيەسى يۈ شۈنىڭ ئۇچۇش مەشىقى جەريانىدا بەختكە قارشى قۇربان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يۈ شۈ پۈتۈن ياشلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆك ئاسمانغا بېغىشلاشتەك ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ كىچىككىنە تېنى يۈكسەك زور كۈچكە تولغان بولۇپ، قىرغۇچى ئايروپىلاندىكى ئايال ئۇچقۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ كۆك ئاسمىنىغا بولغان سادىق بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇنىڭ كۆكنى يېرىپ چىققان قىياپىتىنى كۆك ئاسمان، خەلق، ۋەتەن مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ!
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى