باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قەشقەرۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى

2016.11.14 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ۋە ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر قەشقەردىكى مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، يېزىلاردىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، كەنت كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېزا كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم يېزا ئاساسىي قاتلام ئىنقىلابىي تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق يەتتە مىللەت ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان. بۇ مەھەللە مىللەتلەر، كۆچمە نوپۇس كۆپ بولۇشتەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي خىزمەت تەشكىلاتى تەسىس قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنى بىللە ئۆگىنىش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەھەللە ئىش ئورنى ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 800 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەۋسىيە قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر بۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن قىلغان تۈرلۈك مۇلازىمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت بىللە ياشايدۇ، چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش كېرەك، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك، ھەر مىللەت خەلقنى ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپلەپ يارىتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى ئىنقىلابىي تەربىيە بازىسىغا كىرىشىگىلا بۇ يېزىدىكى ئاممىنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭغا يازغان خېتى ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا چاپلاپ قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار كومپارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يېزىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. رەئىس ماۋ زېدۇڭ بۇ يېزا خەلقىگە جاۋاب خەت يېزىپ، پاختەكلى يېزىسىدىكى ئاممىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى پاختەكلى يېزىسىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، شۇنداقلا پاختەكلى يېزىسىدىكى خەلقنىڭ ناھايىتى زور مەنىۋى بايلىقىغا ئايلانغان. شۆھرەت زاكىر يەنە بۇ يېزىدىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، يېزا كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. 82 ياشلىق پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى تۇرسۇن قادىر ئەينى يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يازغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، يەنە ھازىرقى ياخشى تۇرمۇش ئۈستىدە توختىلىپ، كومپارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: رەئىس ماۋ زېدۇڭ 1952 – يىلى پاختەكلى يېزىسىدىكى ئاممىغا جاۋاب خەت يازغان، ھازىر بۇ ئىشقا 64 يىل بولدى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا پاختەكلى يېزىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇ يېزىدىكى پۇقرالارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسى بار، سىلەرنىڭ بۇ ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، بېيىش باشلامچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، پاختەكلى يېزىسىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ‹‹باشلامچى يېزا››غا ئايلاندۇرۇشنى، يۇرتداشلارنىڭ بالدۇرراق ئىناق، بەختلىك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر