باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۇقراۋى كارخانىلار ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش››بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

2016.11.14 15:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش›› بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خوتەندە ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش›› بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە پائال قاتناشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە يېڭى ۋەزىيەتتە ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش›› بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ۋە قاتنىشىش يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە، قان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ‹‹نامراتلارنى يۆلەش ھەم ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش››، ‹‹ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش›› بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قوشماق بولۇپ، پات – پات زىيارەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، تۇغقان بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلاش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كاپالەتلەندۈرۈپ، يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، شەخسىيلەر يۆلەش – ئېچىشقا قاتنىشىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ‹‹كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش›› بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر