باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدىيە جەھەتتە قۇۋۋەت تولۇقلاپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتايلى

2016.11.14 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك سىياسىي روھىدۇر. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››دا غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، روھىي قۇۋۋىتىنى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشىغا مىزان بولدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار، ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 6 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىدىيەسىگە ھەقىقىي سىڭدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي مىزانى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئاساسىي تەلىپى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى سىستېمىسى يېقىندا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، بىڭتۈەن پارتكومى پارتىيە مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن كەلگەن ئون نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بەس – بەستە پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالدى بىلەن ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەينەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش قاتلىمىدىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتلىمىغا يۈزلىنىپ، يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ زور رېئال ۋە نەزەرىيەۋى مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۈتۈن سىستېمىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېما بويىچە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم يىغىننىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› بويىچە دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈرلۈك تۈزۈم، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى تۈزۈملەشتۈرۈشى، قېلىپلاشتۇرۇشى، تەرتىپلەشتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، پاك تەنتەربىيە كەسپىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ئالتاي ۋىلايىتى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››نى ھازىر قانات يايدۇرۇۋاتقان ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرىگە تەشكىللىدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋىلايەتتىكى ھەر قايسى تارماق (ئورۇن) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ۋەدىنامە ئىمزالاشقا تەشكىللەپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئۆزىگە قاراشلىق پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)غا بىر قېتىم ‹‹نىزام›› ۋە ‹‹مىزان›› نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹نىزام››، ‹‹مىزان››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس باھالاشقا تەشكىللەپ، باھالاش ئەھۋالىنى يىل ئاخىرىدا باھالاش تۈرىگە كىرگۈزۈشنى بېكىتتى.

  جېمىنەي ناھىيەسى كۆپ خىل شەكلىدە ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ئاساسىدا، ‹‹تارماق(ئورۇن) لارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت 1 – قول رەھبەرلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا قارىتا سىگنال بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى. 163 تارماق (ئورۇن)نىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت 1 – قول رەھبىرى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ۋەدىنامە ئىمزالىنىپ، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ئايرىم – ئايرىم ئەنگە ئېلىندى.

  بۇرچىن ناھىيەسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى كەنتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش خىزمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئامما ئېتىراپ قىلغان، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئابرۇيلۇق 15 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنى يېزا – بازار پارتىيە ئىستىلى نازارەتچىسىلىككە تەكلىپ قىلىپ، دېھقان – چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر