خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا شۇ يەر ۋاقتى 14-نويابىر سەھەردە يەر تەۋرىدى. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيە خانلىق گېئولوگىيە ۋە يادرو پەنلىرى تەتقىقات ئورنى يەر تەۋرەش دەرىجىسىنى ئىلگىرى ئېلان قىلغان 6.6 بالدىن 7.5 بالغا ئۆستۈرگەن، خەلق مۇداپىيە تارماقلىرى دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئېلان قىلدى.
خەلق مۇداپىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، قىسمەن رايونلاردا دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىرغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەلق مۇداپىيە تارماقلىرى بىر پارچە جىددى ئاگاھلاندۇرۇشتا، رادىيو ئورگانلىرىنىڭ ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنىنى ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، دېڭىز بويىدىكى ئاھالىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىشقا ئەسكەرتكەن.
ھازىرقى باسقۇچتا، قالدۇق يەر تەۋرەش ئاساسلىقى جەنۇبىي ئارالنىڭ شىمالىي قىسمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى بەش بالدىن ئېشىپ كەتتى، بىر قىسىم قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى ئالتە بالدىن ئاشتى. شۇ جايدىكى خەلق مۇداپىيە تارماقلىرى جەنۇبىي ئارالنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەرلەردە توك بىلەن تەمىنلەشتە كاشىلا كۆرۈلۈش ۋە يول، كۆۋرۈك ۋە ئىمارەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى