باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى» نى تارقاتتى

2016.11.15 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى» نى تارقىتىپ، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە» نى ئوتتۇرىغا قويۇش «خامچوت قانۇنى» بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق تەدبىر ، شۇنداقلا مالىيە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق سىياسىەت زاپىسى بولۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق كۆزلىمىگە يېتەكلەش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچەملىك قەرز ئېلىشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «لايىھە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزى: يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى ۋە ھۆكۈمەتتىن باشقا زايوم شەكلىدە ساقلانغان ھۆكۈمەت قەرزى ۋە ئېنىقلىنىپ، ئايرىلىپ، بېكىتىلگەن مىقتار ياكى قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

  «لايىھە» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇشتا، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەش، قوامدانلىق قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ-خەتىرى ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، تەسىر دائىرىسى ۋە خەۋپ دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بويىچە، I-IV دەرىجىلىك خەۋپ-خەتەر ھادىسىسى دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، مۇناسىپ دەرىجىگە ئايرىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇش ھەم خەۋپ-خەتەر ھادىسىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خاتىرىسىنى ۋاقتىدا قالدۇرۇپ، خۇلاسىسىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر