باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسى جاڭ چاۋغا «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى

2016.11.15 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسى جاڭ چاۋغا «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  بۇيرۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش جاڭ چاۋ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش قەسىمى بىلەن ئىرادىسىنى چىڭىتقان، پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق چېنىققان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن، پەزىلەتلىك، ھەر قانداق ئىش ئورنىدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، ئون نەچچە قېتىم ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارلاش، دېڭىز ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا قاتناشقان ۋە تاماملىغان. 2015-يىلى 3-ئايدا، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى سېپىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ھەمىشە قىزغىنلىق بىلەن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. جاڭ چاۋ 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قىرغۇچى __ 15 بەلگىلىك ئايروپىلان بىلەن تەقلىدىي قونۇش مەشىقى قىلىۋاتقاندا، ئايروپىلاندا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلۈپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان. يولداش جاڭ چاۋ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئىلغارلىقنى نامايان قىلدى، ئۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن دەۋر ئاۋانگارتى، «تۆتكە ئىگە» يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر