باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2016.11.14 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇن جۇڭشەن ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 11-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن شانلىق ھاياتىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشتەك تارىخىي بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تىرىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە بىرلىككە كېلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئارزۇيىمىز ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن جيەنباڭ مۇنداق دېدى: «سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى، ئۇ باشتىن ئاخىرى ئىنقىلابى غايە ۋە ئۇلۇغ ئىشلاردا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، ئىگىلمەي سۇنماي، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ تۆھپە قوشتى. بۈگۈن بىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشتەك روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ روھ بۈگۈنكى كۈندە بىزگە نىسبەتەن يەنىلا زور ئىلھام ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.»

  خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى سۈن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى باشلانغان جاي. شىنخەي ئىنقىلابى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى جۇ شياڭدې مۇنداق دېدى: گەرچە سۈن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى 2- قېتىملىق ئىنقىلاب، قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىقلار كەينى كەينىدىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولغانسېرى جاسارەتكە تولۇپ، باشتىن ئاخىرى ۋاز كەچمىگەن. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قەلبىگە ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى پۈكتى، ھەر قانداق جاپالىق قىيىنچىلىق ئۇنىڭ غايە ئۈچۈن ئىنتىلىش ۋە كۈرەش قىلىش يولىنى توسالمىدى. بۈگۈنكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارغا نىسبەتەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغىچە بۇ خىل قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، ئىگىلمەي سۇنمايدىغان روھ ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر