باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئالېپپو قاتارلىق جايلاردا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

2016.11.14 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13- نويابىر، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پايتەخت دەمەشقنىڭ غەربىي شىمالىدىكى غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان خەن شىخ بازىرىنى قايتۇرۇۋالدى.

  ھازىر دەمەشق شەھەر رايونى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پايتەختنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى شەرقىي دوڭگۇ مۇنار رايونى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى دۇما بازىرى قاتارلىق جايلار ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىرقانچە جەڭ مەيدانىدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 12- نويابىر، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى مەزكۇر دۆلەتنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى ئالېپپو شەھىرىدە ئەسەد رايونى ۋە مەڭنىسا بازىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نەچچە ئون نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قورال-جابدۇقلىرىنى ۋەيران قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر