خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى توكيو سوتى تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىنسانىيەت ئىنىستىتۇتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «2016- توكيو سوتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى خەلقئارا ئىلمى مۇنبىرى» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 25 نەپەر خەلقئارا قانۇنشۇناس ۋە تارىخشۇناسلار ئىككى كۈندە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن 70 يىل بۇرۇن باشلانغان خەلقئارا سوتنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»تىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېمىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى