خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئەزاسى ئادامس (ئوڭدا) مۇسابىقىدە قامالنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە.
21 نومۇر ئارقىدا قالغان جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېتىشىۋېلىشقا ئىككى نومۇر قېلىپ، قارشى تەرەپ مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىۋالغىلى تاس قالغان ئىدى. بىراق ئادامس ئالغان 50 نومۇر ۋە پۈتۈن كوماندىنىڭ قاتتىق مۇداپىيەسى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسى 106گە قارشى 115 نومۇر بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئادامس 50 نومۇر بىلەن ئۆزىنىڭ CBAدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى نومۇر رېكورتىنى يېڭىلىدى، شىرئەلىجان 14 نومۇر ئالدى، يۈ چاڭدوڭ 12 نومۇر ئالدى ھەمدە گاردىن قايتقان 12 توپنى ئالدى؛ جياڭسۇ كوماندىسىدىن برۇكس 47 نومۇر ئالدى، لى يۈەنيۈ 13 نومۇر ۋە گاردىن قايتقان توپتىن يەتتىنى ئالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى