باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى لوس ئانژېلىستا سۆرەش ماشىنىسى بىلەن سۈركىلىشىپ كەتتى

2016.11.14 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى شىمالىي ئامېرىكا رايونى قوشۇمچە لوس ئانژېلىس ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باش دىرېكتورى 11-نويابىر مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: شىركىتىمىزنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 10-نويابىر كەچتە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يەر يۈزىدىكى سۆرەش ماشىنىسى بىلەن سۈركىلىشىپ كەتتى. نۆۋەتتە تېخنىكلار ئايروپىلاننى تەكشۈرمەكتە.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ۋەقەدە يارىلانمىغان، سۆرەش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى يېنىك يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈشكە ئاپىرىلغان.

  ئەسلىدە جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇغا ئۇچماقچى بولغان CZ 328 نومۇرلۇق بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئايروپىلاندا جەمئىي 400 دىن ئارتۇق يولۇچى بار ئىكەن. لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەمەلدارى شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن يەنە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلانمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، يەنە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلدى، 1500 دىن ئارتۇق يولۇچى تەسىرىگە ئۇچرىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر