باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب–شىمالىدا ئېچىلدۇرايلى!

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پائال ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

2016.11.14 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا: مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشىتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا ئېچىلدۇرايلى! دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماقلاردا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى تېز قوزغالدى. پارتىيەلىك كادىرلار بەس – بەس بىلەن مۇنداق دېدى: باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمىز.

  ئاساسىي تېمىدىكى نەشر بۇيۇملىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولىمىز

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىگە ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››تىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› باش تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى باش تېمىغا باغلاپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› باش تېمىسىدىكى 32 تۈرلۈك نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلدى، بۇ نەشر بۇيۇملىرى ئۇيغۇرچە قاتارلىق ئالتە خىل يېزىقتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، رەسىملىك كىتاب، چاتما رەسىم، ئاسما رەسىم، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى توغرىسىدىكىبىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› دېگەن كىتاب، ‹‹بىر باش نىشان›› پۇختا تۇرغۇزۇش بايان قىلىنغان ‹‹باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەش››نىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار، تىپىك ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ‹‹دەۋرىمىزىدىكى لېي فېڭ جۇاڭ شىخۇا››، ‹‹چىڭگىل››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈشى››، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› خىزمەت قوللانمىسى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتىكى قوشماقلىشىش خاتىرىسى›› قاتارلىقلارمۇ بار. مىللەت، دىن سىياسىتى تەشۋىق قىلىنىدىغانلاردىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمەت قوللانمىسى››، ‹‹كادىرلارنىڭ دىن خىزمىتى قوللانمىسى››، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈرىدىغانلاردىن ‹‹كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش ۋە قانۇن تەشۋىقاتلىرى›› قاتارلىق مەجمۇئەلەر بار.

  ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››تىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى داغدۇغىلىق بولدى

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزدىكى ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەردە 40 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئوبلاستىمىز ياخشى قوشماقلىشىش، كەڭ زىيارەت قىلىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ھەقىقىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تولى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلناز قاسىمقان مۇنداق دېدى: تولى ناھىيەسى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئورتاق ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بېيىش يولىدا ئورتاق ئىزدىنىش، تىل – يېزىقنى ئورتاق ئۆگىتىش، ئەمگەككە بىللە قاتنىشىش، ئەنئەنىۋى بايرامنى ئورتاق تەبرىكلەش، بىرلىكتە دوستلار چەمبىرىكى قۇرۇش، بىرلىكتە ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش، مىللىي ناخشا – ئۇسسۇللارنى بىللە ئۆگىنىش، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا بىللە بېرىش، كوللېكتىپ سۈرەتكە بىرلىكتە چۈشۈش››تىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك پائالىيەتنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى قارلىغاچلىق كوچىسى خۇڭيەنچى(چوڭ كۆل) مەھەللىسىدىكى مەدىنىيەت مەرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى مەن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ئىككى ئائىلىدىكى بالىلارمۇ قوشماقلىشىپ دوست بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن مەھەللىنىڭ ‹‹قوشنىلار بايرىمى››، ‹‹ئىتتىپاقلىق دەرسخانىسى›› قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مەھەللىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى ھەر قايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى ‹‹پارتىيە ئەزالىرى خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مۇلازىمەت كارتىسى›› ياسىتىش ئارقىلىق مائارىپقا خالىس ياردەم بېرىش، ئامانەت بالىلار، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلارغا غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق پىدائىيلار پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش›› پائالىيىتىگە ئاڭلىق قاتناشتۇردى.

  ‹‹جېلىيا›› شىنجاڭ ‹‹شىنيۆ›› يىپەك يولى چەكلىك شىركىتىدە 3000دىن كۆپرەك ئىشچى – خىزمەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. شىركەت ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ ۋە گىرەلەشتۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىرگە ياردەم بېرىش، ئون بىلەن قوشماقلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە رەھبىرىي كادىر ئاز دېگەندە قىيىنچىلىقى بار بىر ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسىگە ياردەم بېرىپ، ئوندىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىسى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئۆگەندى.

  شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ياتاققا تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردى، بىر قىسىم ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلار يەنە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى. مەزكۇر ئىنستىتۇت پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ يىنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىنستىتۇتىمىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش دەرس ئۆتۈشنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، ھەر قايسى سىنىپ، يىللىقلارنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىدىن باشلاش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش›› تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى ئېچىشقا داۋاملىق تەشكىللەيدۇ ھەم تۈرلۈك ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر