- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنى تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2016.11.14 13:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋۇ خۇڭبو 11-نويابىر مۇنداق دېدى: يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتنىشى يىغىنى 26-ۋە 27-نويابىر تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش بويىچە يەر شارى خاراكتېرلىك يىغىننى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋۇ خۇڭبو مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ھەمدە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار، خۇسۇسىي تارماقلار ۋە ئەلئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يەر شارى قاتناش تىرانسپورتىنىڭ يېڭى يۆلىنىشى ھەمدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناشنىڭ ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى رولى قاتارلىق قارالمىلىرىنى بېكىتىش ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر