باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7 مىليون 891 مىڭ كىشى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى

2016.11.14 15:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 7 مىليون 891 مىڭ كىشى بۇ داۋالاش بويىچە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلار 5 مىليون 410 مىڭ 200 كىشىگە، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %57 كە يەتكەن.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققى پىرىنسىپ بويىچە ھەر بىر ئادەمگە 100 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى ۋاقتىدا بېسىپ تارقىتىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى مەزمۇنىنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇردى، جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، ئۆز جايىدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك تۈرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى دائىرىسىدە تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قاراتمىلىق كۆپەيتسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان تۈرلۈك كېسەللەرگە قارىتا سالامەتلىك تەكشۈرگەن دوختۇر تەكشۈرتكۈچىگە ساغلاملىق بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، داۋالاش تەس بولغان مۇرەككەپ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرىدا تەكشۈرتۈشىگە ۋە داۋالىتىشىغا ياردەم بېرىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تەۋەلىكىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك داۋالاش، پىلانلىق تۇغۇت، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالاش ئورگانلىرى تېببىي خادىملار ۋە ئەسلىھەلەرنى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى داۋالاش تېخنىكا كۈچلىرىنى توپلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى داۋالاش ئورگىنى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەترىتى قۇرۇپ، 86 سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئەترىتى، 362 داۋالاش خادىمىنى 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئايشەم يۇنۇس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىش كەلدى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، داۋالاش ئورگانلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ بېسىق ۋاقتى ۋە ئارسال ۋاقتى، قاتناش ئەھۋالى ۋە خادىملارنىڭ قۇرۇلما ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە، ئەڭ يىراق ئائىلىگىچە قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر