- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى يېڭى سىياسەت ئۈستىدە توختالدى
2016.11.14 14:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ 11-نويابىر «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يولغا قويىدىغان يېڭى سىياسەتلەر ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھات قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىغا بولغان نازارەتنى قويۇۋېتىش ھەمدە چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىرامپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەن ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدىكى داۋالاش سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ بىمارلارنى سۇغۇرتا بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشىنى مەنئى قىلىش ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆزىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش يىل چېكىنى ئۇزارتىشتىن ئىبارەت ئىككى ماددىنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى قارار قىلدىم.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىمەن، يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئىمزالىغان خەلقئارا سودا كېلىشىمىنى يېڭىلايمەن.
«نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ بۇرنىسنى ئۆتكۈنچى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرىنى تاللاش قاتارلىقلارنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر