باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى لى كېچياڭنىڭ ئاسىيا-ياۋروپادىكى تۆت دۆلەتكە قىلغان سەپىرىگە دىققەت قىلدى

2016.11.14 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 2-نويابىردىن 9-نويابىرغىچە ئاسىيا-ياۋروپادىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، تۆت دۆلەت مېخانىزمى پائالىيىتىگە قاتناشتى. رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى، تاسىس ئاگېنتلىقى، «رۇسىيە گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلار زىيارەت مۇساپىسى ۋە نەتىجىسىگە ناھايىتى دىققەت قىلىپ: جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ زىيارىتى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇردى دېدى. «ياپونىيە ئىقتىسادى ئاسىيا ئوبزورى» دا باھا بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: سەككىز كۈنلۈك زىيارەت كۈچلۈك سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.

  قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، قىرغىزىستان ئاگېنتلىقى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسەت ئوبزورچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت بۇندىن بۇرۇن ئىمزالىغان ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا ھاياتى كۈچ بەخش ئېتىدۇ.

  قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، تاسىس ئاگېنتلىقى، ئېففېل ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىردەك مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف: جۇڭگونى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دەپ قارىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ماختىدى.

  لاتۋىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، لاتۋىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى: لاتۋىيە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئىقتىساد سودا مۇنبىرى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ تۈرلۈك پۇرسەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ.

  رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، «رۇسىيە گېزىتى» ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 21-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك دوستلۇق كەيپىياتى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى.

  تاسىس ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئاگېنتلىقى، رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» قاتارلىقلار بىردەك جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنى نۇقتىلىق خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە ھەمدە رۇسىيە تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىم ئىمزالىغان ئېنېرگىيە، قاتناش تىرانسپورتى قاتارلىق چوڭ تۈرلىرىنى مەركەزلىك خەۋەر قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر