باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نۇرغۇن چەتئەللىك ئالىملار پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى ئالتىنچى ئومۇمىي يىغىنى ئۈستىدە توختالدى

2016.11.14 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى ئالتىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا «يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى پارتىيەنىڭ ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قانچە مىزان» بىلەن «جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە ئىچى نازارىتى نىزامى » قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. چەتئەللىك نۇرغۇن ئالىملار يېقىندا: يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور دېدى.

  ئامېرىكا ئىللىنويىز تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستېۋارت سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى خارى تۈرك مۇنداق دېدى: پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئالىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ تەكشى ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. پاكىستان ئىسلامئاباد سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سوخال ئامىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان بۇ ئىككى ھۆججەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىسپاتلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر