باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېيېتنامدا رەسمى دوستانە زىيارەتتە بولدى

2016.11.14 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت رەئىسى رۇەنشى جىنيىننىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8-نويابىردىن 11-نويابىرغىچە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋىتنامدا رەسمى دوستانە زىيارەتتە بولۇپ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۆۋەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى چىن داگۇاڭ، زۇڭلىسى رۇەن چۇنفۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، ۋەتەن فىرونتىنىڭ رەئىسى رۈەن شەنرېن بىلەن كۆرۈشتى .

  جاڭ دېجياڭ رۇەن فۇجۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «16 خەتلىك فاڭجېن» ۋە «تۆتتە ياخشى بولۇش» روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەلەسنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنامنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە دېپلوماتىيەدىكى ئالدىن تاللاش دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ. جاڭ دېجياڭ رۇەنشى جىنيىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتى ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىجابىي كۈچ توپلايدۇ. رۈەنشى جىنيىن مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسىتراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  كۆرۈشۇش سۆھبەتلىشىشتە جاڭ دېجياڭ ۋىيتنام رەھبەرلىرىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. زىيارەت مەزگىلىدە، جاڭ دېجياڭ جۇڭگو-ۋىيېتنام خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ۋىيېتنام ياشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى . ئۇ يەنە جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇق سارىيى تۈرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شىيەنگاڭ شەھىرى،گۇاڭنەن ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر