باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارمىيەدە كۈچلۈك زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

2016.11.14 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى يىغىنى 9-، 10-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، قايتا بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتىنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا جىڭشى مېھمانخانىسىغا باردى، ئۇ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش؛ ھەممە ئىشتا ئۇرۇش قىلىشقا خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئارقا سەپ تەمىناتىنى تېرىشىپ قۇرۇپ، ئۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ كاپالەت مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ نەزەرىيەسىدە تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە بىرلەشمە ئارقا سەپ تەمىناتى كاپالەت لايىھەسىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ كاپالەتلىك كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇرۇش قىلىشنىڭ تەلىپى بويىچە ئارقا سەپ تەمىناتىنى قۇرۇش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل ئارمىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە بايلىقىنى مەركەزلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئارمىيەنىڭ مۈلۈكىنى بىر تۇتاش تەقسىملەش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئارقا سەپ تەمىناتىدا ئارمىيە بىلەن خەلقنى يۇغۇرۇشنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق يوللىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يۇغۇرۇشقا تايىنىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى قۇدرەتلىك كاپالەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى پۈتۈن ئارمىيەدە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە روھىنى تاۋلاپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گو بوشيوڭ، شۈ سەيخۇنىڭ يامان تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش جەھەتتىن تەربىيەلەپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلىدى: دۆلەتنى، ئارمىيە قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدا، ئارقا سەپ تەمىنات سېپىدىكى بارلىق يولداشلار چوقۇم داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر