باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» مۇكاپاتلاندى

2016.11.15 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نويابىر، 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆججەتلىك فىلىم ئىلمى مۇراسىمى ۋە 3 - نۆۋەتلىك شېنجىن ياشلار سۈرەت بايرىمىدا شىنجاڭلىق 18 كىشىنىڭ كەچۈرمىشى مەزمۇن قىلىنغان، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئارزۇسى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» شەرەپ بىلەن 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ھۈججەتلىك فىلىمى ئەڭ ياخشى مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مۇخبىر 14-نويابىر ھۆججەتلىك فىلىم « مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، باش رېژىسسورى ۋە باش فىلىم ئىشلىگۈچىسى قۇربانجان سەمەت بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، قۇربانجان سەمەت ھازىر كانادادا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 2-بۆلۈمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

  قۇربانجان سەمەت مۇنداق دېدى: ھۈججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم »نى شاڭخەي جياڭ خەنگى مەدەنىيەتكە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن، جەمئىي ئالتە قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى 25 مىنۇت بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ شىنجاڭلىق تونۇشتۇرۇلغان. ھۆججەتلىك فىلىمدە شىنجاڭلىقلارنىڭ سىرتتىكى ھەقىقىي تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئارزۇسى نامايان قىلىنغان، فىلىمدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تىرىشىپ بۇ جەمئىيەت ۋە دەۋرگە قوشۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ توختىماستىن كۈرەش قىلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەرگە بولغان ھۆرمىتى ئىپادىلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىشى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا غايەت زور ئىنكاس قوزغىغان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-يۈرۈش قانىلى، 9- يۈرۈش قانىلى ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ياۋروپا دۆلەتلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، توردا چېكىلىش مىقدارى ئالتە كۈندە 20 مىليون قېتىمدىن ئاشقان، مىكرو بىلوگدا مۇھاكىمە قىلىش قېتىم سانى 270 مىليون قېتىمغا يەتكەن، بېرىلگەن باھالار 95 مىڭغا يەتكەن.

  نۆۋەتتە، ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»نىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا دۇنيادىكى ئون نەچچە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھىكايىسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ياۋروپا، ئافرىقا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر