باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانىنى 2020-يىلى تەدرىجىي يولغا قويۇش پىلانلاندى

2016.11.15 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بىلەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك تىل ئىمتىھانى ۋە ئۇنى باھالاش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ يىغىندا مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش تاماملاندى، مۆلچەر بويىچە 2017-يىلى سىرتقا ئاشكارىلىنىدۇ. دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى تەتقىق قىلىپ تارقىتىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، 2020-يىلى تەدرىجىي يولغا قويۇش پىلانلاندى.

  گوۋۇيۈەننىڭ «ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانىنى بېكىتتى: دۆلەتلىك چەت ئەل تىلىنى باھالاش ئۆلچىمى ئاساسىدا، ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى بىلەن ھازىر بار بولغان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ياكى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى، جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە كۆرسەتكۈچى بىلەن خەلقئارالىق داڭلىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى، خەلقئارالىق داڭلىق تىل كۆرسەتكۈچىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملاپ، سىستېمىلىق ئىمتىھان تۈرى تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرلىك باھالاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك باھالاش بىرلەشكەن تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، فۇنكسىيەسى كۆپ مەنبەلىك ھازىرقى زامان چەت ئەل تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر