باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق: جاپالىق، چەت رايونلاردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك

2016.11.15 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «جاپالىق، چەت رايونلاردىكى ناھىيە، يېزا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يولغا قويۇش دائىرىسى، تەكلىپ قىلىش شەرتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتتىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەھەتلەردە، جاپالىق، چەت رايونلاردىكى ناھىيە، يېزا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «ئۇقتۇرۇش»نىڭ چىقىرىلىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇھىم تەدبىر، جاپالىق، چەت رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ناھىيە، يېزا كەسپىي ئورۇنلىرىغا باشقۇرغۇچى خادىم ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىك خادىم تەكلىپ قىلىشتا، ياش چەكلىمىسى 40 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. يېزا، بازار كەسپىي ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا، ئوقۇش تارىخى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم(تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى پۈتتۈرگەن بولسا بولىدۇ، لېكىن ساھە كەسپىي ئىجازەتنامىسىدە تەلەپ قىلىنغان ئوقۇش تارىخىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. يېزا، بازار كەسپىي ئورۇنلىرىغا باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلغاندا، كەسىپ چەكلىمىسى قويمىسىمۇ بولىدۇ؛ ناھىيە، يېزا كەسپىي ئورۇنلىرىغا كەسپىي تېخنىكا خادىم تەكلىپ قىلغاندا، كەسىپ تەلىپىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. قىسمەن ئىش ئورۇنلىرىغا ئۆز ناھىيە، شەھەر ياكى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەر نوپۇسىدىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر