باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېڭ لوڭ ئوسكار ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.11.14 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلىمى ئىنستىتۇتى كېڭىشى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 12- نويابىر كەچتە ھوللىۋودتىكى ئېگىزلىك مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو گۇمپا چولپىنى چېڭ لوڭ ئوسكار ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق كىنو چولپىنى بولۇپ قالدى.

  شۇ كۈنى كەچتە، چېڭ لوڭ بىر يۈرۈش جۇڭگوچە پاسوندىكى ئۇزۇن قارا كۆينەك كىيىپ مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان ھوللىۋود ئارتىسى كىرىس تاقىنىڭ قولىدىن بىر ئوسكار ئالتۇن مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  چېڭ لوڭ مۇكاپات ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ”جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بەك پەخىرلەندىم !“ ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كىنو ساھەسىدە 56 يىل ئىشلىگەنلىكىنى، 200دىن ئارتۇق كىنو ئىشلىگەنلىكىنى، ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىگەنلىكىدىن، ئۆز ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا يەتكەنلىكنى ھېس قىلغانلىقىنى دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر