باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى

2016.11.18 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق 2016- يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر سائەت 12دە رەسمىي ئېلان قىلىندى .

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ چاغدا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn (غا چىقىپ، ياكى شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjedu.gov.cn/ )غا چىقىپ، ئەسكەرتىش تەلىپى بويىچە نەتىجىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 22-نويابىر ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 22-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 24-نويابىر سائەت 18گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ «رەسمىي ئارزۇ تولدۇرۇش»نى باشلىسا بولىدىكەن.

  «رەسمىي ئارزۇ» بىلەن دەسلەپكى مەزگىلدە تولدۇرغان «مۇددىئا ئارزۇ»نىڭ ئۆگىنىش قاتلىمى، پەن تۈرى، تىل تۈرى چوقۇم ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىكەن، تىزىملاتقان مەكتەپ ياكى كەسىپ ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدىكەن .

  ئوقۇغۇچىلار تېخى «رەسمىي ئارزۇ»نى تولدۇرمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ «مۇددىئا ئارزۇسى» «رەسمىي ئارزۇ» قىلىپ ھېسابلىنىدىكەن.

  ئەگەر گۇمان بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى 0991-8752001غا تېلېفون قىلىپ سورىسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر