باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تېخىمۇ زور قويىۋېتىش، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىىياتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنە تەكىتلىدى

2016.11.23 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-نويابىر شاڭخەيدە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي، شەرقىي شىمال رايونىدىن كەلگەن 11 ئۆلكە ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ ۋە شاڭخەي شەھىرنىڭ باشلىقى ياڭ شيۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى چې جۈن، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يىن لى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەن يۇڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جياڭمېن شەھىرىنىڭ باشلىقى دېڭ ۋېيگېن قاتارلىقلار مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈمى توغرىسىدا سۆز قىلدى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چىڭۋېي، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لۇ خاۋ، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى جۇاڭ جياخەن، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرىنىڭ باشلىقى بەي شاڭچېڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ تيەنچىلەرمۇ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور پايدا يارىتىدۇ، ئاشكارا، قولاي، ئادىل بولغان پۈتكۈل ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەكلىك رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتى، بولۇپمۇ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى مەزمۇنى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ھازىرقى ئىسلاھاتتا ساقلىنىۋاتقان دەل جايىدا بولماسلىق، يۈرۈشلەشتۈرمەسلىك، تۇتاشتۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەسكىن روھ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەزگىللىك ئازابى بەدىلىگە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر